«‹ئابدۇلھەمىد خان› پاراخوتى» بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۈركىيەنىڭ «ئابدۇلھەمىد خان» ناملىق 4-بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ «يۆرۈكلەر -1 قۇدۇقى» دا بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1869417
«‹ئابدۇلھەمىد خان› پاراخوتى» بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر دۆنمەز، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، «‹ئابدۇلھەمىد خان› پاراخوتى» نىڭ بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «‹ئابدۇلھەمىد خان› ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتىمىز <يۆرۈكلەر – 1 قۇدۇقى> دا تۇنجى بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. قارادېڭىزنىڭ خۇشاللىقىنى بۇ قېتىم ئاقدېڭىزدىكى يېڭى خۇش خەۋەرلەر ئارقىلىق ياشىتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر. ئىنژېنېرلىرىمىزنىڭ مېھنەتلىرى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئالىرىنىڭ سايىسىدا پاراخوتىمىزنىڭ تەلىيى ئوڭ، بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى بەرىكەتلىك بولغاي.»

«ئابدۇلھەمىد خان» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىشتىراك قىلغان مۇراسىم ئارقىلىق، 9 – ئاۋغۇست كۈنى تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش ساھەسى بولغان «يۆرۈكلەر – 1 قۇدۇقى» غا ئۇزىتىپ قويۇلغانىدى.

مىنىستىر دۆنمەز، پاراخوتنىڭ 10 – ئاۋغۇست كۈنى ۋەزىپە ئۆتەش ساھەسىگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر