جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇكرائىنادا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1869647
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇكرائىنادا
2022-08-18-ukrayna-02-basbasa-09.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پولشا ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ لۋىۋ شەھىرىگە يېتىپ باردى، ھەمدە پوتوچكى سارىيىدا زېلېنسكىي بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئىككى رەھبەر بۇ يەردىكى ئايرىم ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئەردوغان زېلېنىسكىي ۋە گۇتېرېس بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلودىمىر زېلېنىسكىي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق سەۋىيەسىدىكى تۈركىيە ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن. شۇنداقلا، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى دۇنيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىش مەقسىتىدە ئورنىتىلغان مىخانىزم پائالىيەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملاشتۇرۇلۇشى، 24 فېۋرالدىن (2022) بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خاتىمە بېرىلىشى يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر