«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشنىڭ كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ دائىرىدە، «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچىنىڭ، ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيەدە «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەدە پۇقرالارنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان تېررورچىلارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەت نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.