سويلۇ: ئاغرىدىكى «تەندۈرەك تېغى» تېررورچىلاردىن تازىلاندى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئاغرىدىكى «تەندۈرەك تېغى» نىڭ تېررورچىلاردىن پۈتۈنلەي تازىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ، «ئەرەن قامال قىلىش – 32» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، بىرى «ئاپېلسىن رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىن، يەنە بىرى «كۈل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالغان 2 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئاغرىدىكى «تەندۈرەك تېغى» نىڭ تېررورچىلاردىن پۈتۈنلەي تازىلانغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
بۇ ئارىلىقتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا قارشى قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.