ئەردوغان بۇرغىلاش پاراخوتىنى مەشغۇلات ساھەسىگە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاقدېڭىزدىكى بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئاقدېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان چارلاش ۋە بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەۋەلىكىمىزدە. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ رۇخسىتى ۋە ئىجازىتىگە موھتاج ئەمەس» دېدى.

1865705
ئەردوغان بۇرغىلاش پاراخوتىنى مەشغۇلات ساھەسىگە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمدا سۆز قىلدى
erdogan.jpg
erdogan.jpg
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەرسىن تاشئۇجۇ پورتىدىن ئابدۇلھەمىدخان بۇرغىلاش پاراخوتىنى تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش ئورنىغا ئۇزىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە: «بىزنىڭ ئابدۇلھەمىدخان بۇرغىلاش پاراخوتىمىز تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى يېڭى تەسەۋۋۇرىنىڭ سىمۋولى. ئەمدى بىزمۇ 4 بۇرغىلاش پاراخوتىمىز ۋە 2 يەر تەۋرەش تەتقىقات پاراخوتىمىز بىلەن بۇ رايوندا مەۋجۇتمىز» دېدى.

ئۆزلىرىنىڭ كېلەر يىلى قارا دېڭىز تەبىئىي گازىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇلازىمىتىگە سۇنۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «قارا دېڭىز گازىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا كېرەكلىك بولغان 10 قۇدۇقتىكى مەشغۇلاتنى تاماملاپ، ئۇ يەردىن چىقىدىغان تەبىئىي گازنى 2023-يىلى خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، ئاقدېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزنىڭ ئاقدېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان چارلاش ۋە بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەۋەلىكىمىزدە. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ رۇخسىتى ۋە ئىجازىتىگە موھتاج ئەمەس. ئابدۇلھەمىد خان ناملىق پاراخوتىمىزنى غازى پاشاغا 55 كىلومىتىر كېلىدىغان يۆرۈكلەر-1 قۇدۇقىغا يولغا سالىمىز. يۆرۈكلەر-1 قۇدۇقى شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى كەڭ دائىرىلىك پائالىيەت پىلانىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر