ئەردوغان رۇسىيەگە يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى.

1864214
ئەردوغان رۇسىيەگە يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بىر كۈنلۈك زىيارىتى دائىرىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، كۈندىلىك رايونلۇق ۋە يەر شارىۋى مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سوچىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا بايانات ئېلان  قىلدى.

پېسكوۋ، باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە بىخەتەرلىككە قارىتا «قانۇنلۇق» ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ ئەندىشىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر