«رازونى» يۈك پاراخوتى ئىستانبۇل بوغۇزىغا لەڭگەر تاشلىدى

ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا پورتىدىن 1-ئاۋغۇست (2022) يولغا چىققان قوناق بېسىلغان «رازونى» يۈك پاراخوتى، لەڭگەر تاشلىغان ئىستانبۇل بوغۇزىغا كىرىش نۇقتىسىدا تەكشۈرۈلىدۇ.

1863078
«رازونى» يۈك پاراخوتى ئىستانبۇل بوغۇزىغا لەڭگەر تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دۇنيا ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەمچى بولۇش مەقسىتىدە، تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ب د ت ئارىسىدا 22-ئىيۇل (2022) ئىمزالانغان «ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى» رامكىسىدا، ئودېسا پورتىدىن يولغا چىققان قوناق بېسىلغان «رازونى» يۈك پاراخوتى تۈنۈگۈن كەچتە (2-ئاۋغۇست) ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ قارادېڭىز كىرىش نۇقتىسىغا لەڭگەر تاشلىدى.

تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ب د ت ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت «رازونى» يۈك پاراخوتىنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، پاراخوتنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ-داۋاملاشتۇرماسلىقى قارار قىلىنىدۇ.

«ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى» گە ئاساسەن يولغا چىققان بىرىنچى پاراخوتنىڭ ئارقىسىدىن باشقا پاراخوتلارنىڭمۇ بەلگىلەنگەن كارىدور ۋە پىرىنسىپلار بويىچە يولغا چىقىشى پىلان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر