رازونى يۈك پاراخوتى ئىستانبۇل بوغۇزىدا تەكشۈرۈلمەكتە

ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا پورتىدىن 1-ئاۋغۇست (2022) يولغا چىققان قوناق بېسىلغان «رازونى» يۈك پاراخوتى، لەڭگەر تاشلىغان ئىستانبۇل بوغۇزىغا كىرىش نۇقتىسىدا تەكشۈرۈلمەكتە.

1863233
رازونى يۈك پاراخوتى ئىستانبۇل بوغۇزىدا تەكشۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا پورتىدىن 1-ئاۋغۇست (2022) يولغا چىققان «رازونى» يۈك پاراخوتى، تۈنۈگۈن كەچتە (2-ئاۋغۇست) ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ قارادېڭىز كىرىش نۇقتىسىغا لەڭگەر تاشلىغان ئىدى.

تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ب د ت ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت «رازونى» يۈك پاراخوتىنى تەكشۈرمەكتە.

«رازونى» يۈك پاراخوتى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، لىۋانغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ.

«ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى» گە ئاساسەن يولغا چىققان بىرىنچى پاراخوتنىڭ ئارقىسىدىن باشقا پاراخوتلارنىڭمۇ بەلگىلەنگەن كارىدور ۋە پىرىنسىپلار بويىچە يولغا چىقىشى پىلان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر