«فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەدە «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنى خائىنلارچە شۇم نىيەتلىرىگە يېتەلمەستىنلا بىر تەرەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 5 تېررورچى، قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز كەسكىن داۋاملاشماقتا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ.»
يەنە بىر تەرەپتىن، سىئىرتتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەرەن قامال قىلىش – 27» زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە، سىئىرت ۋىلايىتىنىڭ پەرۋارى ناھىيەسىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى، قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايوندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتقان قەھرىمان قىسىملىرىمىز، رايوندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت كۆپ ساندا قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورىنى قولغا چۈشۈردى.»