سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1860565
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىمىز تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»

ماردىن ۋىلايىتىنىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاش چىقىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن ماردىن ۋىلايىتىنىڭ نۇسايبىن ناھىيەسى يېزىلىرىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق 3 تېررورچىنىڭ سۈرىتى تارتىلغانغانلىقى، بۇ تېررورچىلارنىڭ جايلىرى ئالدى بىلەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بەلگە قىلىنغانلىقى، ئاندىن بۇ 3 تېررورچىنىڭ، «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

باياناتتا، رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان باشقا تېررورچىلارنىمۇ بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە باشلانغان كەڭ دائىرىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەنىدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «تېرروتېرىيەلىرىمىزدە تېررورچىلارنى خالىمايمىز، ئى تېررورچىلار! تەسلىم بولۇڭلار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر