ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتى 9-ئاۋغۇست يولغا چىقىدۇ

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ 9-ئاۋغۇست كۈنى مەرسىندىن تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش ساھەسىىگە يولغا سېلىپ قويىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1859930
ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتى 9-ئاۋغۇست يولغا چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆنمەز، بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىدا، بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتىنى 9-ئاۋغۇست كۈنى مەرسىندىن تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش ساھەسىىگە يول سېلىپ قويىمىز.»

مىنىستىر دۆنمەز، تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەت دەۋرىدە دىيالوگ باشلاندى. دەرۋەقە، ئىسرائىلىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇچۇر – ئالاقىلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىجابىي يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر