ئەردوغان ئىراندىن قايتىش سەپىرىدە مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تۈركىيەگە «F-16» كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشتە گىرېتسىيە شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1857419
ئەردوغان ئىراندىن قايتىش سەپىرىدە مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (19-ئىيۇل) ئىران زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەملىكەتكە قايتىش سەپىرىدە، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە «F-16» ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز ھۆرمەتلىك بايدىن بىلەن مەزكۇر مەسىلىنى مۇزاكىرەلەشكەندە، بىزگە گىرېتسىيە شەرتىنى قويمىدى. دەل ئەكسىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇچرىشىشىمىزدا، <بىز ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىر-بىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىشىمىز كېرەك دەپ سۆھبەتلەشتۇق>» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ «F-16» مەسىلىسىدە قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى ھازىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا سانى ئاز بولسىمۇ بۇ ئىشقا قارشى چىقىۋاتقانلار بار. ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئەسلىدە بۇنداق شەرت قويۇش مەسىلىسى بىزنى چەكلىيەلمەيدۇ. ئۇلار <F-16> لارنى سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپىمىزگە ماقۇل دېسىلا كۇپايە. بىزگە يېڭى <F-16> لارنى سېتىپ بەرسىلا بولدى. قولىمىزدىكى <F-16> لارنى ئاسىراش ئىشلىرىنى قىلالايدىغان ئىقتىدارىمىز بار» دېدى.

ئۇ سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، ئامېرىكانىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يېڭى ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا: «مىللىي خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىمىز تۈگىمىگەن ئەھۋالدا ھەربىي ھەرىكەت داۋاملىق كۈنتەرتىپىمىزدە بولىدۇ» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيە چېگراسىدىن 30 كىلومېتىر جەنۇبقىچە بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزدە، ئىران بىلەن رۇسىيەدىن بىزنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇلار بىزنى قوللىشى كېرەك.»

ئۇ ئاخىرىدا، يېقىنقى كۈنلەردە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ تېررورىستلىرىنىڭ شىمالىي سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بايرىقىنى ئاسقانلىقىغا قارىتىپ مۇنداق دېدى:

«بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بايرىقىنى ئۇ يەردە لەپىلىدىتىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنى ئالدىيالايمىز دەپ خىيال قىلىۋاتىدۇ، ئارمىيەمىز بۇنىڭغا ئالدانمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر