ئەردوغان: «ئەمدىلىكتە ئۆز نىشانىنى ئۆزى  بەلگىلىگەن بىر تۈركىيە بار»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەمدىلىكتە ئۆز نىشانىنى ئۆزى  بەلگىلىگەن ۋە قەتئىيلىك بىلەن بۇ يۆنىلىشتە كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلاۋاتقان بىر تۈركىيەنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1852984
ئەردوغان: «ئەمدىلىكتە ئۆز نىشانىنى ئۆزى  بەلگىلىگەن بىر تۈركىيە بار»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان ئۆتمۈشتە بۇ دۆلەتنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارنىڭ كۇزىرلىرى، سەبىرچانلىق بىلەن قىلىنغان مۇجادىلە ئارقىلىق بىر-بىرلەپ قوللىرىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان ئەمدىلىكتە ئۆز نىشانىنى ئۆزى  بەلگىلىگەن ۋە قەتئىيلىك بىلەن بۇ يۆنىلىشتە كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلاۋاتقان بىر تۈركىيەنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەمدىلىكتە مائارىپتىن سەھىيەگىچە، بىخەتەرلىكتىن ئەدلىيەگىچە، قاتناشتىن ئېنېرگىيەگىچە، شەھەر پىلانىدىن ئىجتىمائىي ياردەملەرگىچە بولغان ھەر ساھەدە كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ئۆز نىشانىغا مەركەزلەشكەن بىر تۈركىيە بار. دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى، دۇنيا سەھىيە كرىزىسى، روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق زور سىناقلار، تۈركىيەنىڭ كۈچنى تېخىمۇ قىممەتلىك ۋە مەنىلىك ھالغا كەلتۈردى. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان 10 دۆلەت ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا ئېرىشىشكە ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ يېقىندۇر» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر