تۈركىيە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى «تاراتقۇ بەلگىلىمىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش» توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1853155
تۈركىيە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يەرلىك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغىنىدەك، «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ تۈركچە ۋە مەركىزى گېرمانىيەدىكى «گېرمانىيە ئاۋازى» تۈركچە تور بېكەتلىرىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئالىي كېڭىشىنىڭ، «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ تۈركچە ۋە مەركىزى گېرمانىيەدىكى «گېرمانىيە ئاۋازى» تۈركچە تور بېكەتلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىنى تەنقىد قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايسغا جاۋاب بەردى.

بىلگىچ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نېد پرايسنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دېموكراتىيەگە كىرىش سۆز دەرسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: پىكىر ئەركىنلىكى دېموكراتىيە ئۈچۈن زۆرۈردۇر، شۇنداقلا، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشمۇ زۆرۈردۇر. پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇش ۋە ئىشلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن بەلگىلىمىلەر باردۇر. تۈركىيە تاراتقۇلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يەرلىك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغىنىدەك، <ئامېرىكا ئاۋازى> نىڭ تۈركچە ۋە مەركىزى گېرمانىيەدىكى <گېرمانىيە ئاۋازى> تۈركچە تور بېكەتلىرىمۇ تۈركىيەنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.»

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئالىي كېڭىشى، ئالدىنقى ئايدا، ئىجازەتنامىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ تۈركچە ۋە مەركىزى گېرمانىيەدىكى «گېرمانىيە ئاۋازى» تۈركچە تور بېكەتلىرىگە چەكلىمە قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر