تۈركىيە نوپۇس سانى جەھەتتە 18 - قاتاردىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %1.1 ىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

1852797
تۈركىيە نوپۇس سانى جەھەتتە 18 - قاتاردىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ دۇنيا نوپۇس كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە نوپۇسى  84 مىليون 680 مىڭ 273 غا يەتكەن بولۇپ، دۇنيادىكى 195 دۆلەت ئىچىدە 18- ئورۇندا تۇردىكەن.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %1.1 ىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2021-يىلدىكى دۇنيا نوپۇسى 7 مىليارد 874 مىليون 965 مىڭ 732 بولۇپ، نوپۇس جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت 1 مىليارد 444 مىليون 216 مىڭ 102 كىشى بىلەن خىتاي، ئىككىنچىسى 1 مىليارد 393 مىليون 409 مىڭ 33 كىشى بىلەن ھىندىستان، ئۈچىنچىسى 332 مىليون 915 مىڭ 74 كىشى بىلەن ئىگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەن.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئۈچ دۆلەت دۇنيا نوپۇسىنىڭ %40.3 نى تەشكىل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر