چاۋۇشئوغلۇ ۋىلادىمىر نوروۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر نوروۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1852179
چاۋۇشئوغلۇ ۋىلادىمىر نوروۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ۋىلادىمىر نوروۋنىڭ ئۆزئارا تېلېفونلىشىپ، «تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ رەھبەرلىكىدىكى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ سوغۇققانلىقنى ساقلاپ، ۋەقەلەرنى تىنچلىق يولى بىلەن مۇقىملىققا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر