بالىكەسىردە ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
تۈركىيەنىڭ بالىكەسىر ۋىلايىتى ئايۋالىق ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكى ئارقىلىق مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان 78 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1852192
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قۇرغىقى مۇداھاپىزەت ئەترىتى، ئايۋالىق دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر كامېر كېمىدە ئونلارچە قانۇنسىز كۆچمەننىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىپ، رايونغا دەرھال"TCSG-905" ۋە "TCSG-907" ناملىق قۇتقۇزۇش كېمىلىرىنى ئەۋەتىپ 78 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.
تېببىي ۋە يېمەك – ئىچمەك ياردىمى بېرىلگەن چەت ئەل پۇقراسى كۆچمەنلەر، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن بالىكەسىر كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.