شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1851681
شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىشى نەتىجىسىدە، پىيادە ئەسكەرلەر مۇتەخەسسىسى  سەرھات بالنىڭ شېھىت بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا تاشلىغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە سەۋر - تاقەت تىلەيمىز ھەم تەزىيە بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر