ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھام بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئىستانبۇلدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھام بىلەن كۆرۈشتى.

1851094
ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھام بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، مابەين سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئۆزئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش، مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى، قارا دېڭىزدىكى ئاشلىق تىرانسپورتى، سۈرىيە، ئەگە دېڭىزى ۋە ئاق دېڭىز قاتارلىق رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇچرىشىشتا دەسلەپتە، ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە ماقۇللانغان يېڭى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە مۇزاكىرە قىلىنغدى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىجابىي كەيپىياتتا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدىن رازىمەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا، ئورتاق ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە F-16  مەسىلىسىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدا ئاشلىق تىرانسپورتى ئۈچۈن بىخەتەر كارىدور ئېچىش تىرىشچانلىقىنىڭ يۇقىرى باھا ۋە ئالقىش بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ تىرانسپورتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىنىڭ دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئەگە دېڭىزى ۋە ئاق دېڭىز مەسىلىسىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ھەق - ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە  شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان پ ك ك/ي پ گ ۋە دائېشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئايرىپ ئولتۇرماستىن قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر