سومالى پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 3 – ئىيۇلدىن 5 ئىيۇلغىچە تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1851146
سومالى پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا سومالىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەھمۇد بۇ يىل مايدا قايتىدىن سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن.

زىيارەت جەريانىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشىتا يەنە، نۆۋەتتىكى رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق تەرەققىياتلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر