ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئىككى نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى.

1850970
ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارى ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە مۇھاپىزەتچى كەمال ئالىم ۋە ھۈسەيىن سارىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا، «شېھىت بولغان ئامانلىق قوغدىغۇچىسى ئالىم ۋە سارىغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر