تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە يۈك سودىسىنى باشلاش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە يۈك سودىسىنى پات يېقىندا باشلاش توغرىسىدا كېلىشتى.

1850958
تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە يۈك سودىسىنى باشلاش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى ئالاھىدە ۋەكىللىرى باش ئەلچى سەردار قىلىچ بىلەن ئەرمېنىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى رۇبېن رۇبىنياننىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

قىلىچ بىلەن رۇبىنياننىڭ تۆتىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ تۈنۈگۈن ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، «تەرەپلەر، تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق چېگراسىنى ئىككى دۆلەتنى زىيارەت قىلىدىغان ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېچىۋېتىش توغرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى باشلاشقا قارار قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، «بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە يۈك سودىسىنى پات يېقىندا باشلاش توغرىسىدا كېلىشتى ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىگە تۇتۇش قىلىشقا قارار قىلدى» دېيىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئۇچرىشىشتا، سۆھبەتنىڭ ھەل قىلغۇچ مەقسىتى بولغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى «تولۇق نورماللاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» يولىدا تاشلاشقا بولىدىغان باشقا كونكرېت قەدەملەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئالدىنقى شەرتسىز داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىرادىسىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر