ئەردوغان شىۋېتسىيەنىڭ 73 تېررورچىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «شىۋېتسىيە 73 تېررورچىنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈچ - تۆتىنى ئەۋەتتى، ئەمما ئۇ يېتەرلىك ئەمەس» دېدى.

1850837
ئەردوغان شىۋېتسىيەنىڭ 73 تېررورچىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، شىۋىتسىيەنىڭ 73 قاچقۇن تېرورچىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «شىۋېتسىيە 73 تېررورچىنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈچ - تۆتىنى ئەۋەتتى، ئەمما بۇلار بىز ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇلارنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمىز، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىمىز يېقىندىن كۆزىتىپ، بۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇلار كەلسە ياخشى، ئەگەر كەلمىسە، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ھەر ۋاقىت مۇناسىۋەتلىك ئىدارە – ئورگانلىرىمىز ئارقىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

«بۇنىڭدىن كېيىن، پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ تېررورلۇق تەشۋىقاتى قىلىشى، دۆلىتىمىز ۋە پۇقرالىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىشى، قالايمىقانچىلىق سېلىشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇنىڭدىن كېيىنكى جەريان شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەگە باغلىق. ئۇلاردا ھەرقانداق بىر خاتالىق كۆرۈلسە، قولىمىزدا پولاتتەك پاكىتلىرىمىز بار، تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا، پ ك ك / پ ي د / ي پ گ ، فەتۆ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ناتونىڭ يازما ماتېرىياللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ ئىشنىڭ يازما خاتىرىلەرگە ئېلىنىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش. باشقىچە ئېيتقاندا، پ ك ك نىڭ ئىسمى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆججەتلىرىدە بار ئىدى، ئەمما پ ي د/ي پ گ ۋە فەتۆنىڭ ئىسمى يوق ئىدى» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى جەريانىدا، سۈرىيەدىكى تېررورچىلارغا يۈك ماشنىلىرىغا يۈكلەپ ئەۋەتىلگەن قوراللارنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەن - كەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئەلۋەتتە ئوتتۇرىغا قويدۇم. (ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد) ترامپ دەۋرىدىن باشلاپ تىلغا ئېلىپ، <نەچچە مىڭ يۈك ماشىنىسى قورال، ئۈسكۈنە، ئوق – دورا بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندى>. بىز ھازىر بۇ يەردە تېررورىزم توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز. ئەمما تۈركىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بېكىتكەن تېررورچىلارغا قورال، ئوق – دورا، ماشىنا ۋە ھەر خىل ئۈسكۈنىلەر بۇ شەكىلدە بېرىلىۋاتقان ئەھۋالدا، بىز ناتودىكى شېرىكلەر قانداقمۇ ئىتتىپاقلىشالايمىز؟» دېدى.

ئۇ، ناتو باشلىقلار يىغىنىدا بارلىق رەھبەرلەرنىڭ «ۋاسىتىچى بولايلى، (تۈركىيەنى) گىرېتسىيە بىلەن بىر يەرگە جەم قىلايلى» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىز «ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار، ھازىرچە بۇ ئىشقا ئاجرىتىدىغان ۋاقتىمىز يوق دېدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر