سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى، زەيتۇن شېخى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 29 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1850178
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئەمىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز تېررورچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا قايتۇرما زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى، زەيتۇن شېخى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۈچۈن ئوق چىقارغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 29 تېررورچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر