جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونى كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر رۇسىيە-ئۇكرائىنا (تىنچلىق) مۇساپىسىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ» دېدى.

1850005
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇ ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، بايدىن بىلەن ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئۇچرىشىدىغان بولۇشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىمقى ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ۋە زىچ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، «ئىشىنىمەنكى، ئەتە داۋام قىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدىن دۆلەتلىرىمىزگە زىچ كۈنتەرتىپلەر بىلەن قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشتا باشلامچى رول ئوينىشىڭلار، ناتونى كۈچەيتىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرگە، بولۇپمۇ رۇسىيە - ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، 24 - فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاشلىق ۋە يېقىلغۇ ساھەسىگە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىز تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش سىياسىتى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇ سىياسەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر