ئاندېرسون: تۈركىيە بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە قويۇق دىيالوگ ئورنىتىمىز

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن قويۇق دىيالوگ ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1849580
ئاندېرسون: تۈركىيە بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە قويۇق دىيالوگ ئورنىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئاندېرسون تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە تەرىپىدىن بۈگۈن ئەتىگەندە (29-ئىيۇن) ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ ئەھدىنامىسىدىن كېيىن فىنلاندىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «YLE» غا بايانات بەردى.

ئۇ: «تۈركىيە بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە قويۇق دىيالوگ ئورنىتىمىز. تېررورلۇققا قارشى قانداق كۈرەش قىلىدىغانلىقىمىزنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە سۆھبەتلىشىپ چۈشەندۈرىمىز» دېدى.

ئۇ: «بۇ جەرياندا كىم تېخىمۇ كۆپ يول قويدى؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بۇ جەرياندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ نىڭ قوللىغۇچىسى، مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى ئامىناھ كاكاباۋېھ تۈركىيە بىلەن ئۈچ تەرەپ ئەھدىنامىسىنى ئىمزالانغانلىقىغا قارىتا، «بۇ بىزگە نىسبەتەن زۇلمەتلىك بىر كۈن» دەپ باھا بەردى ۋە ئۆزىنىڭ پارلامېنتتا شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەن لىندېغا نارازىلىق سوئال مەكتۇبى تاپشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ نىڭ قوللىغۇچىسى ئامىناھ كاكاباۋېھ <TV4> تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بايانات بېرىپ، لىنداغا قارىتا نارازىلىق سوئال مەكتۇبى تاپشۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنتتا 35 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىمزاسى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ توغرىدا ھەرىكەت قىلىدىغان 35 پارلامېنت ئەزاسىنىڭمۇ پارلامېنتتا بارلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر