ئەردوغان بۈگۈن ئىسپانىيەگە بېرىپ ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن ئىسپانىيەگە بېرىپ، مادرىدتا 28- ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە ئېچىلىدىغان «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى»غا ئىشىتراك قىلىدۇ.

1848946
ئەردوغان بۈگۈن ئىسپانىيەگە بېرىپ ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا - ئاتلانتىك ئوكيان بىخەتەرلىكى دۇچ كەلگەن تەھدىت ۋە خىرىسلارغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ناتوغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىپ، ناتونىڭ يالتايتىش كۈچى ۋە مۇداپىئە قۇرۇلمىسىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مادرىدتىكى يىغىنىدا ناتونىڭ كەلگۈسى خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇمىنىڭ تەستىقلىنىشىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە بەزى ئىتتىپاقداش ۋە شېرىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر