تۈركىيە-ئەرمېنىيە ۋەكىللىرى ۋىيېننادا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا نورماللىشىش ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئالاھىدە ۋەكىللەرنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق سۆھبىتى، 1-ئىيۇل (2022) ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

1849274
تۈركىيە-ئەرمېنىيە ۋەكىللىرى ۋىيېننادا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە-ئەرمېنىيە ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق سۆھبىتىنىڭ ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۆتىنچى قېتىملىق سۆھبەت، باش ئەلچى سەردار قىلىچ بىلەن ئەرمېنىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رۇبېن رۇبىنياننىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نورماللىشىش ئۇچرىشىشلىرىنىڭ بىرىنچىسى 14-يانۋار (2022) رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە-ئەرمېنىيە ئارىسىدا 2020-يىلى ئاخىرلاشقان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتىدىن باشلاش قارار قىلىنغان ۋە فېۋرال ئېيىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلانغان ئىدى.

ئالاھىدە ۋەكىللەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبىتى 24-فېۋرالدا، ئۈچىنچىسى 3-مارتتا ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

بۇ جەرياندا، ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان 11-13-مارت كۈنلىرى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە قاتناشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر