قالىن ناتو باش ئىشتابىدا فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىبراھىم قالىن، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش ئورگىنىدا فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدالىرى بىلەن  مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1849317
قالىن ناتو باش ئىشتابىدا فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش ئورگىنىدا فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدالىرى بىلەن  مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ناتو بايانات ئېلان قىلىپ، ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئىشخانىسى ئالاھىدە مۇدىرى ستيان يېنسېن رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا، ئىبراھىم قالىن، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى دېرىكتورى پېترى خاككاراينېن ۋە شىۋىتسىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى كېڭىشىگە مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئوسكار ستېنستروم قاتارلىقلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ستولتېنبېرگنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى مەركىزىي تېما قىلىنغان.

بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ ھەقتە سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۈگۈن ناتو باشلىقلار يىغىنى باشلىنىدىغان ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، ستولتېنبېرگنىڭ يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون ۋە فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىئىنىستۆنى كۆتۈۋالىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر