بايكار ئۇكرائىناغا ئۈچ دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىئانە قىلدى

بايكار شىركىتى ئۇكرائىناغا ئۈچ دانە «بايراكتار ت ب 2» قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ھەقسىز ئىئانە قىلدى.

1848960
بايكار ئۇكرائىناغا ئۈچ دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايكار شىركىتى ئۇكرائىناغا ئۈچ دانە «بايراكتار ت ب 2» قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىئانە قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

بايكارنىڭ تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن <بايراكتار ت ب 2> قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋېلىش مەقسىتىدە <خەلقنىڭ بايراكتارى> نامى بىلەن باشلىغان ئىئانە قىلىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەلبە بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق» دېيىلدى.

جەمئىيەتتە تونۇلغان كىشىلەر، ژۇرنالىستلار، سەنئەتچىلەر، پۇتبولچىلار، سودا-سانائەتچىلەر، ئادەتتىكى كىشىلەر، ھەتتا بالىلارنىڭ مەزكۇر سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئاز-كۆپ دېمەستىن ئىئانەگە قاتنىشىپ دۆلىتىنى قوغداشقا ھەسسە قوشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە، مۇنداق دېيىلدى:

«ۋەتەنپەرۋەر ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىش ئارزۇسى ۋە ھەمكارلىق روھى بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. <بايكار> نامىدا توپلانغان ئىئانىلەر بىلەن سېتىۋېلىنماقچى بولغان ئۈچ دانە <بايراكتار ت ب 2> قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ھېچقانداق ھەق ئالماستىن ئۇكرائىناغا ئىئانە قىلىمىز. بۇ مەقسەت ئۈچۈن يىغىلغان بارلىق ئىئانىلەرنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ شەرەپلىك خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىنى سورايمىز. بايكار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسىلىنىڭ ئادىللىق بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىمىزنى ھۆرمەت بىلەن بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر