تۈركىيە ئېكۋادوردا ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئېكۋادوردا ياشايدىغان ياكى ئېكۋادورغا بارىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغان رايونلاردىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

1848576
تۈركىيە ئېكۋادوردا ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېكۋادوردا ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ئېكۋادورغا قارىتا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ئېكۋادور ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي ۋەقەلەر سەۋەبىدىن 18-ئىيۇندا پىچىنچا، كوتوپاشى ۋە ئىمبابۇرا ئىشىتاتلىرىدا 30 كۈنلۈك جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «بۇ نۇقتىدا ھازىرمۇ ئېكۋادوردا ياشاۋاتقان ۋە ياكى ئېكۋادورغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىمىزنىڭ مىنىستىرلىقىمىز ۋە كىتودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىمىز تەرىپىدىن  ئېلان قىلىنىدىغان قوشۇمچە ئاگاھلاندۇرۇش، ھەمدە ئۇقتۇرۇشلارنى كۆزىتىشى ئىنتاين مۇھىم. پۇرالىرىمىز كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلاردىن يىراق تۇرۇشى، خۇسۇسي بىخەتەرلىكلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى ۋە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى لازىم» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ كونسۇلخانىلار باشقارمىسى چاقىرىش مەركىزى بىلەن «+90 312 292 29 29» نومۇر ئارقىلىق شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ كىتودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن «+ 593 98 612 1734» نومۇر ئارقىلىق ھەمدە «embassy.quito@mfa.gov.tr» ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىۋاستە ئالاقىلاشسا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر