كالىن مادرىدتا تۆت تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئەتە (27-ئىيۇن) ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، تۈركىيە، ناتو، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1848433
كالىن مادرىدتا تۆت تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بىر تېلېۋزىيە قانلىدا كۈنتەرتىپ توغرىسىدا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «سەيشەنبە كۈنى (2022-يىلى 28-ئىيۇن) ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، تۈركىيە، ناتو، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى بۇ يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىز مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭ كۆپ باسقۇچلىرى بار. مەن فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەلىك مەنسەپداشلىرىمغا مۇنۇلارنى دېدىم: سىلەر 200 يىللىق بىتەرەپلىك سىياسىتىڭلاردىن ۋاز كېچىپ، بىر ھەربىي ئىتتىپاققا ئەزا بولۇشنى قارار قىلدىڭلار. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلەر شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەدە چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىڭلار كېرەك. قانۇن-تۈزۈم ۋە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشۈڭلار كېرەك. شۇنىڭدەك، بۇ ئۆزگىرىشنى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرى بولغان ي پ گ|پ ي د ھەمدە ئۇلارغا ئوخشايدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغىمۇ كۆرسىتىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىش تەس ئەمەس، شۇنداقلا ئىمكانىيەتسىزمۇ ئەمەس.

ئۇلار (شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە) بۇ توغرىدا بىر قاتار قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. بەرگەن ۋەدىلىرىنى خاتىرىلەۋاتىمىز. ۋەدە بېرىش بىلەن كونكرېت قەدەم تاشلاش ئوخشىمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممسىنىڭ يازمىچە بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. چوڭ جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق، كېلىشەلمىگەن بىر قانچە تېما بار. ئەتە مادرىدتا شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەدىن بىۋاستە پ ك ك، ي پ گ، پ ي د غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېنىق ۋە كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ سۈرىيەدىكى پ ي د بىلەن ي پ گنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى ناتو باشلىقلار يغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر