ئەنقەرە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلغان تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1848043
ئەنقەرە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ 23-، 24-ئىيۇن كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان يىغىنىدا ماقۇللانغان تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارلار ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارلاردا دۆلىتىمىزگە قارىتا بىر تەرەپلىمە، يىراقنى كۆرەرلىك ۋە ئەمەلىيەتتىن يىراق پوزىتسىيەنىڭ نامايەن قىلىنىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەنە بىر قېتىم تۈركىيە مەسىلىسىدە ئايىغى چىقماس چەمبىرەكتىن قۇتۇلالمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن 10 ئىنگلىز مىلىلىق ھاۋا بوشلۇقى تەلەپ قىلىشى، ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشى ۋە كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىشىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەددىدىن ئاشقان تەلەپلەرنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ قارارلار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشمايدۇ، شۇنداقلا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ... گەرچە تۈركىيە خەلقئارا قانۇن ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ياقلاش مەيدانىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسىگە قەستەن جىددىيچىلىك ۋە سۈركىلىش پەيدا قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي سەمىمىيەتسىزلىك مىسالىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمدىلىكتە بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مۇساپىسى ۋە دۆلىتىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن ئېرىشىدىغان پايدىنى گىرېتسىيە ۋە قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ تار دائىرىلىك، قانۇنسىز ۋە ھەددىدىن ئاشقان تەلەپلىرىگە قۇربان قىلماسلىق كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتلىرىمۇ ماھىيەتتە شۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ » دېيىلدى.

باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىنا بىلەن مولداۋىيەگە كاندىدات دۆلەت سالاھىيىتىنىڭ بېرىلىشى بىلەن گىرۇزىيەگە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش كۆزنىكىنىڭ ئېچىلىشىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، نۆۋەتتە كاندىدات دۆلەت سالاھىيىتىدە تۇرۇۋاتقان ئالبانىيە ۋە شىمالىي ماكېدونىيە بىلەن قېتىلىش سۆھبىتىنىڭ تېخىچە باشلانمىغان بولۇشىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىناغىمۇ كېچىكمەستىن كاندىدات دۆلەت سالاھىيىتىنى بېرىشنىڭ بالقان رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ياۋروپا جۇغراپىيەسىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا يەنە: «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق كاندىدات دۆلەتلەر بىلەن سەمىمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە قوشۇلۇش جەريانلىرىنىڭ لاياقەتنى ئاساس قىلىپ ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر