ئاقار ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللېس بىلەن كۆرۈشتى.

1847603
ئاقار ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر ئاقار، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللېسنى ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالغان.

ئىككى مىنىستىر ئالدى بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەن، ئاندىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مۇداپىئە، بىخەتەرلىك، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان ئۇچرىشىشلاردا، مىنىستىر ئاقار، تۈركىيە – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ئاساسىدا ھەر ساھەدە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىق ئۈچۈن ئېكسپورت ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ، دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلغان.

ئۇ يەنە، ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاش ئارقىلىق رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلىشى ئۈچۈن، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ماس قەدەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇچرىشىشلاردا يەنە، ھەربىي مەشىق ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىلىقمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر