شەنتوپ قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەشمىسىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئۈچۈن يېتىپ بارغان قىرغىزىستاننىڭ چولپان – ئاتا شەھىرىدە، پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋ  بىلەن كۆرۈشتى.

1847908
شەنتوپ قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ ئۇچرىشىشىدا، پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، قىرغىزىستان خەلقى بىلەن تۈركىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلىرىدە ئورتاق قىممەلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەردائىم تەييارمىز.»

4-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۇ يىل بۇرسانىڭ ئىزنىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان جاپپاروۋ ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان قىرغىزىستان تەرەپنىڭمۇ ئويۇنلارنى تەشكىللەشكە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ  بولسا، دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بولۇپمۇ سودا – ئىقتىسادىي ساھەسىدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر