چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە يائىر لاپىد بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەردىكى دىپلوماتىك ۋەكىللىك سەۋىيەسىنى باش ئەلچىلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1847520
چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە يائىر لاپىد بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

لاپىدنىڭ زىيارىتىنىڭ تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ۋەكىللىك سەۋىيەسىنى باش ئەلچىلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىتى توغرىسىدا بولسا، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز دۆلىتىمىزدە بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ، ھېسابلىشىشلارنىڭ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز» دېدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تەكلىپىنىڭ ھېلىھەم كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاپىد، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ھەققىدە چىقىرىلغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن گۈزەل ئىستانبۇل ۋە يۇرتۇڭلارنىڭ گۈزەل دېڭىز ساھىللىرىغا ھەيرانمەن. مەن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بۇ يەرگە قايتىپ كېلىشىنى، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ پات ئارىدا ئىستانبۇلدىن بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئايروپىلانلار بىلەن قۇددۇسنى زىيارەت قىلالايدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر