چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە رايونلۇق كۈچىنى زورايتىۋاتقان بىر دۆلەتكە ئايلاندى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىكى قىيىن ئۆتكەللەرگە قارىماي تۈركىيەنىڭ رايونلۇق كۈچىنى زورايتىۋاتقان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1843416
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە رايونلۇق كۈچىنى زورايتىۋاتقان بىر دۆلەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، بىنگۆل ئۇنىۋېرسىتېتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى كونفېرانسى» دا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ 3 چوڭ قىتئەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز قارادېڭىز، بالقان، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاقدېڭىز دۆلىتىمىز. شۇنداقلا، بىز كاۋكازدىن ئافرىقاغىچە سوزۇلغان جۇغراپىيەنىڭ مەركىزىدىمىز. شۇڭلاشقا، بىز بۇنداق بىر مەركەزدە ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك. دۇنيادىكى كىرىزىسلار ۋە توقۇنۇشلارنىڭ 60% تى بىزنىڭ جۇغراپىيەمىزدە بولۇۋاتىدۇ. بۇ بولسا بىزگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز، بۇ قىيىن ئۆتكەللەرگە قارىماي، ھەتتا بۇ قىيىن ئۆتكەللەردىن تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،  رايونلۇق كۈچىنى زورايتىۋاتقان بىر دۆلەتكە ئايلاندى.»

تۈركىيەنىڭ يەر شارىۋى بىر ئاكتىيورغا ئايلانغانلىقىنى، دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا تېگىشلىك دۆلەتلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلىلىرىنىڭ ھەم كۆپ ھەم دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر