ئەفەس – 2022 ھەربىي مانېۋىرى ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا باشلاندى

ئەفەس – 2022 ھەربىي مانېۋىرىنىڭ «تاللانغان كۈزەتكۈچىلەر كۈنى»  پائالىيەتلىرىنىڭ ئىككىنچى قىسمى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا باشلاندى.

1840549
ئەفەس – 2022 ھەربىي مانېۋىرى ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا باشلاندى
efes-2022 tatbikati3.jpg
efes-2022 tatbikati2.jpg
efes-2022 tatbikati1.jpg
efes-2022 tatbikati.jpg
erdogan efes-2002 tatbikati.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىگە جايلاشقان دوغانبەي ئېتىشلىق ھەربىي مانېۋىر رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەفەس – 2022» ھەربىي مانۋۋىرىنىڭ «تاللانغان كۈزەتكۈچىلەر كۈنى»  پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، 10 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە باش ئىشتاب باشلىقلىرىدىن سىرت يەنە، تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرى كۆزىتىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئەتىگەنلىك پائالىيەتلىرى، نىشانغا دەل تەگكۈزۈش ماھارەتلىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى بىلەن تاماملاندى.

«ئەفەس – 2022» ھەربىي مانېۋىرىنىڭ «تاللانغان كۈزەتكۈچىلەر كۈنى»  پائالىيەتلىرىنىڭ ئىككىنچى قىسمى بولسا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ  مانېۋىر ساھەسىگە كېلىشىدىن كېيىن باشلاندى.

ئۈستىدە «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى گىرىبى» قادالغان كۆك رەڭلىك چاپان كىيگەن ۋە «ئەفەس 2022» دېگەن خەت يېزىلغان شىلەپە كىيگەن ئەردوغان، مانېۋىرنى كۆزىتىۋاتقان مېھمان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىلەن قىسقىغىنە سۆھبەتلەشتى.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال مۇسا ئاۋسەۋەرنىڭ مانېۋىرھەققىدە مەلۇمات بېرىشىدىن كېيىن، مانېۋىردائىرىسىدە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشلىرى باشلاندى.

 «ئەفەس – 2022» ھەربىي مانېۋىغا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، باش ئىشتاب باشقارمىسى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى، دېڭىز ساھىلى بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى، پۇقراۋى ئاممىۋى ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، ئالبانىيە، ئاۋستىرالىيە، ئەزەربەيجان، بەھرەين، باڭلادىش، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، بۇركىنا فاسو، چېخىيە، ئېفىيوپىيە، فىرانسىيە، گامبىيە، گىرۇزىيە، ئىراق، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، كامېرون، قاتار، قازاقىستان، قىرغىزىستان، جەنۇبىي كورېيە، كوسوۋۇ، كۇۋەيت، شىمالىي ماكېدونىيە، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، ۋېنگىرىيە، مالايشىيا، موڭغۇلىيە، نىگېرىيە، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، رىۋاندا، سلوۋاكىيە، سومالى ۋە ئىيوردانىيەدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن قىسىملار ۋە ئەترەتلەر بىلەن بىرلىكتە 1100 ى چەت ئەللىك  بولۇپ، تەخمىنەن 11 مىڭ خادىم قاتناشماقتا.

بىرلەشمە ۋە ئورتاق ھەربىي مانىۋېردا ئىشتىراكچى دۆلەت قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە تەشكىل قىلىنغان ئورتاق قارارگاھ ۋە قىسىملارنىڭ ھەربىي ئىمكانىيەتلىرى ھەمدە ئىقتىدارلىرى، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، ئۇرۇشقا تەييارلىق سەۋىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان ھەربىي مانېۋىردا، ب د ت تىنچلىقنى قوللاش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي سېنارىيەسىدىن پايدىلىنىلماقتا.

«ئەفەس – 2022»ھەربىي مانېۋىرىنىڭ كېچىلىك ھەرىكەتلىرى تۈنۈگۈن (2022-يىلى 8-ئىيۇن) ئېلىپ بېرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر