«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1839244
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ، ھېرىش – چارچاشنى بىلمەيدىغان قىسىملىرىمىز كۈرەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى، ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.