كاپادوكيانى زىيارەت قىلغان ساياھەتچىلار سانى كۆپەيدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ساياھەت رايونى كاپادوكيانى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى زىيارەت قىلدى.

1838529
كاپادوكيانى زىيارەت قىلغان ساياھەتچىلار سانى كۆپەيدى
kapadokya2.jpg
kapadokya1.jpg
kapadokya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەۋشەھىر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، پەرىباجالىرى، تاشتىن ئويۇپ ياسالغان تارىخىي ئىمارەتلەر، يەر ئاستى شەھەرلەر قاتارلىق تەبىئىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرى بىلەن يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان  كاپادوكيادا، بۇ يىل يانۋاردىن مايىغىچە 1 مىليون 30 مىڭ 491 ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان.

كاپادوكيانى، ئالدىقى 5 ئاي ئىچىدە، 2019 – يىلى، 1 مىليون 134 مىڭ 387 ساياھەتچى، 2020-يىلى، 322 مىڭ 894 ساياھەتچى، 2021-يىلى 333 مىڭ 633 ساياھەتچى زىيارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر