پ ك ك دىن قاچقان بىر تېررورچى تەسلىم بولدى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ «كۈلرەڭ كاتېگورىيە» دىكى بىر تېرورچىنىڭ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ چىقىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «كۈلرەڭ كاتېگورىيە» دىكى بىر تېررورچىنىڭ، تۈنۈگۈن چۈش تەرەپلەردە ئائىلىسىنىڭمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن، بىر ھەپتە ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولدى.
بۇ ئارىلىقتا، شىرناقتا 585 ھەربىي خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئەرەن قامال قىلىش – 14» زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى كۈنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، شىنرناق ۋىلايىتىدە «ئەرەن قامال قىلىش – 14 شېھىت قوراللىق ساقچى لېيتېنانت ئىسمائىل جان ئاقدېڭىز 2022 – 3» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان.
زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى كۈنى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، كۆپ ساندا ئوق - دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.