قالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1835520
قالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش باسقۇچى، يەر شارىۋى يېمەك - ئىچمەك ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە باشقا رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىستىراتېگىيەلىك مىخانىزمىنىڭ ئورنىتىلىشى ئارقىلىق رايونلۇق مەسىلىلەر، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئۈمىد ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە يەر شارىۋى ئىقتىسادقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە توقۇنۇش رايونلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ تولىمۇ ئەندىشىلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن سۆھبەت باسقۇچىنى قايتىدىن تېزلىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى خالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ، ناتونىڭ بىخەتەرلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدىكى قىممەت ئۆلچەملىرى ھەم پىرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، بۇ دائىرىدە شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى مەسىلىسىدە ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ نىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنىڭ قەتئىي داۋاملىشدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز قاتارلىق پۈتكۈل رايوندا مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنى ئاساس قىلىدىغان پوزىتسىيەسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر