ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پولشا ۋە رۇمىنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەننەھيان، پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرى زبنىگېۋ راۋ ۋە رۇمىنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوگدان ئارېسكۇنى قوبۇل قىلدى.

1833931
ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پولشا ۋە رۇمىنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى قوبۇل قىلدى
Zbigniew Rau-Bogdan Aurescu-Erdogan.jpg
Abdullah bin Zayid Al Nahyan-Erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدىكى «دولماباھچە سارىيى» دىكى ئىشخانىسىدا، ئالدى بىلەن،  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەننەھياننى، ئاندىن پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرى زبنىگېۋ راۋ بىلەن رۇمىنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوگدان ئارېسكۇنى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە  قوبۇل قىلدى.

پولشا ۋە رۇمىنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى قوبۇلدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر