ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ يامان نىيەتلىكلەرگە بېرىدىغان بىر غېرىچمۇ زېمىنى يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا، ئىگىلىك ھوقۇقىدا كۆزى بولمىغان تۈركىيەنىڭ يامان نىيەتلىكلەرگە بېرىدىغان بىر غېرىچمۇ زېمىنى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1834070
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ يامان نىيەتلىكلەرگە بېرىدىغان بىر غېرىچمۇ زېمىنى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتتە يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە سىرتىدا تۇنجى قېتىم پايتەخت باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېكنوفېست (تېخنولوگىيە فېستىۋالى) ئەزەربەيجان» نىڭ كۆزەتكۈچىلەر بايرىمىغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، جانجىگەر ئەزەربەيجانىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدە، بۇ دۆلەتتە بولۇشتىن ئۆزىنى تولىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى، تارىختىن ئېلىنغان ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئانادولۇغا ئوخشاش، بۇ يەرمۇ بىزنىڭ زېمىنىمىز، تۈركىيەنىڭ ھەر بىر غېرىچ زېمىنىمۇ سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلار بولىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى پەقەت رايونلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۈلگە قىلىدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزدۇق.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يولۇققان بارلىق ئادالەتسىزلىك ۋە قانۇنسىزلىقلارغا قارىماي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئەزەربەيجاندىن پەخىرلىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بېسىمدىن تەھدىتتىن قورقىدىغانلاردىن بولمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەسلا بولمايمىز. بىز ئىشغالىيەت ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ھەردائىم ئوتتۇرىغا قويۇشتىن قىلچە باش تارتمىدۇق، بۇنىڭدىن كنم شۇنداق قىلىمىز. بىزنىڭ ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا، ئىگىلىك ھوقۇقىدا كۆزىمىز بولمىغىنىدەك، يامان نىيەتلىكلەرگە بېرىدىغان بىر غېرىچمۇ زېمىنى يوقتۇر، بۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇ يەنە، رلق تىنچلىق ۋە مۇقىملىق نامىدىن ئەلىيېۋنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن ئورماقچى بولغان ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق پىلانىنى تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن قىزغىن قوللاۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ، تېكنوفېست (تېخنولوگىيە بايرىمى) دائىرىسىدە ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن تۈرك چولپانلىرى ۋە سولوتۈرك ئەترىتىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئىككى رەھبەر كېيىنچە، ئاسان مۇلازىمەت مەركىزى ۋە باكۇ ئىلىم-پەن مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.

كەچلىك تاماق زىياپىتىدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، كەچ تەرەپلەردە تۈركىيەگە قايتىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر