شىرناقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

شىرناقتىكى «ئەرەن قامال قىلىش – 5 ھەربىي ھەرىكىتى» رايونى بولغان جۇدى تېغىدا، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى.

1834012
شىرناقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى
pkk depo imha.jpg
cudi pkk hava operasyonu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقتا ئاپرېل ئېيىدا باشلانغان  «ئەرەن قامال قىلىش – 5 ھەربىي ھەرىكىتى» رايونى بولغان جۇدى تېغىدا، بىر گۇرۇپپا تېررورچى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

تېررورچىلارنىڭ تۇرۇۋاتقان يېرى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، تېررورچى گۇرۇپپىغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى. ئەتىگەن تەرەپلەردە مەزكۇر رايونغا قارىتا ئۇدا 3 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر دائىرىسىدە، تۇنجەلى ۋىلايىتىنىڭ ھوزات ناھىيەسىگە جايلاشقان ئەلى بوغازى رايونىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدىمۇ، تېررورچىلار ئىشلەتكەن ئىسكىلاتلار ۋە پاناھ جايلار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر