ئىستانبۇل – بۇخارا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 7 – ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇل – بۇخارا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.

1833461
ئىستانبۇل – بۇخارا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت ۋە تاشكەنت شەھەرلىرىگە بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئىستانبۇلدىن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بۇخاراغىمۇ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۇچىدۇ.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرىمىز باشلىنىدۇ.  7 – ئىيۇن كۈنى باشلىنىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىمىز ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپلا بېلەت زاكاس قىلسىڭىز بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر