ئەردوغان ئاۋىستىرىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋىستىرىيە باش مىنىستىرى كارل نېھاممېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1833676
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – ئاۋىستىرىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دائىر ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا دەرھال دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن تەرەپلەرنى دىيالوگ قاناللىرىنى ئىشلىتىش توغرۇلۇق تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.