«تېررورىزم ۋە تەھدىت ئارقىلىق سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىش دەۋرى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە تېررورىزم ۋە تەھدىت ئارقىلىق سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىش دەۋرىنىڭ ئاللىقاچان ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

1833823
«تېررورىزم ۋە تەھدىت ئارقىلىق سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىش دەۋرى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەر ئارىلى» دىكى ئادنان مەندەرەس قۇرۇلتاي مەركىزىدە، 27 – ماي ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ 62 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە، دۆلىتى ھەم خەلقى ئۈچۈن جان تىكىپ خىزمەت ئىشلىتىگەن سىياسىيونلارنىڭ بەزىدە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار تەرىپىدىن تەھدىت سېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە تارىخىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ دېموكراتىيە زەپەرلىرىدىن بىرىگە 15 – ئىيۇل (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسى) كۈنى مۇۋەپپەق بولدۇق.»

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاساسلىق ۋەيرانچىلىقنىڭ ئادالەت سىستېمىسىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ پولاتتەك ئىرادىسىنى ھېچكىم زەنجىرلىيەلمەيدۇ، ھېچكىم بۇ مىللەتنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلالمايدۇ. بۇ مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلارنىڭ قىلىغا ھېچكىم چېقىلالمايدۇ. /.../ گېزىت سەرلەۋھىلىرى بىلەن سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان كۈنلەر،  تېررورىزم ۋە تەھدىت ئارقىلىق سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىش دەۋرى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى. ھەممە شۇنى بىلىشى كېرەككى، تۈركىيە دېموكراتىك قانۇن دۆلىتىدۇر. ئىگىلىك ھوقۇقى شەرتسىز مىللەتكە تەۋە بولغان دۆلەتتۇر.»

تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىراقنىڭ شىمالى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا، تۈركىيەنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىنى بويلاپ 30 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ  كۈرەشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئىزچىل داۋام قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر