ئەردوغان ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1833099
ئەردوغان ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇشى قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتىدە، 24 – فېۋرالدىن  بۇيان ئۇرۇش قىلىۋاتقان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادىل بىر شەكىلدە تىنچلىق ئورنىتىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى، بۇ دائىرىدە ھەر ئىككى دۆلەتنى دىيالوگ ئورنىتىشقا ۋە دىپلوماتىيە يولىدا مېڭىشقا تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ قارمىقىدىكى شەخسلەر ۋە ئاتالمىش تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ئىتتىپاقداشلىق روھىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر