ئاقار: شېھىتلىرىمىزنىڭ قانلىرى يەردە قالمىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 100 دىن ئاشقانلىقىنى، شېھىتلارنىڭ قانلىرىنىڭ يەردە قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار، چېگرا لىنىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر غاردىكىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 100 دىن ئاشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىز بىر گۇرۇپپا تېررورچىنى غاردا قورشاۋ ئاستىغا ئالدى. تېررورچىلار ئەترەتلىرىمىزنىڭ <تەسلىم بولۇڭلار> چاقىرىقىغا ئوق چىقىرىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئەترەتلىرىمىز غارغا بېسىپ كىردى. غاردىكىلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشتى. شېھىتلىرىمىزنىڭ قانلىرىنى، يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ كۆز ياشلىرىنى يەردە قالدۇرمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز.»
تۈنۈگۈن، «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا 5 ئەسكەر شېھىت بولغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.